|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(4)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئىلگىرىلەشلىرىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەنلىككە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، ئەڭ ئاساسلىقى، بۇ يول ۋە نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش››. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مۇھىم ھۆكۈمى، 29يىللىق قاينام – تاشقىنلىقتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە نەزەرىيىنىڭ يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى — گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇش ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. ھازىرقى زامان جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى— دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىدۇر. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسى ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان، ئۇنىڭغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بوشاشماي ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملىگەن، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىياسىي ۋە مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسى.
ھازىرقى زامان جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش بايرىقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش بايرىقى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى ۋە ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى يۈكسەكلىكىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى قانداق ۋەزىيەت، قانداق خەۋپ، قانداق خىرىسقا يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
|