|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتى 2 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە بىڭتۇەن، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ سۆھبەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۆز تارمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ‹‹ئىدىيە، تەشكىلات، ساپا، ئىستىل›› دىن ئىبارەت تۆت بازىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئىگىلەش جەھەتلەردىن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى قاراش، يېڭى يەكۈن ۋە يېڭى تەپەككۇرلارنى شەرھلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش ھازىرقى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچىدىن، چوڭقۇر نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىككىنچىدىن، كونكرېت ھادىسە تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە، مۇھىم ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى پارتىيە قۇرۇلۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
|