|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار يېقىندىن بۇيان، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشتەك كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بىز ئىدىيىمىزنى 17–قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يېڭى نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ۋە ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىمىن مۇنداق دېدى: 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى لازىم.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يىغىن زالىدا ياشلار ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت يىغىنىدا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىكى ئوۋياڭ چياۋيەن قۇرۇلتاي تەسىراتى ۋە يىغىن ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن 17–قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېڭى دەۋر شارائىتىدا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۇلۇغ پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئەلا مۇلازىملىق قىلىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى سەپەر مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى 31–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ‹‹كوئېنلۇن›› مېھمانسارىيىغا جەم بولۇپ 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەندى. سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كارخانىچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن 100گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 17–قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئايال ۋەكىللەردىن فاڭ مىن 17–قۇرۇلتايدىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتى ۋە قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى يېغىن ئەھلىگە تونۇشتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جەنۇبىي ‹‹دوستلۇق›› يولى ساقچىخانىسىدىكى رۇشەنگۈل قادىر پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن قۇرۇلتاي روھىنى كۈندىلىك خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ج خ خىزمىتىگە يېتەكچى قىلىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇمەن.
شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، گېزىتخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كاڭ پىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 17–قۇرۇلتاي دوكلاتى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىم. شۇڭا بىز 17–قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى بولۇشىمىز، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىملىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيەنلىڭ 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئاياللار خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت ئاياللىرىنى 17–قۇرۇلتاي روھى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلاردا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاياللارخىزمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
جياڭ شەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللار 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى شىنجاڭنىڭ ئاياللار خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم.
|