|
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆچۈرمىچىلىك قىلىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىدىن 76 تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى بىلەن مائارىپ نازارىتى، بۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلىقى ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 76 نەپەرئىمتىھان بەرگۈچىدىن 34سى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، 42 سى كۆچۈرمىچىلىك قىلغان بولۇپ، ئىمتىھانغا قاتناشقانلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 35 ى ئاز بولغان. ئىمتىھاندا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئاساسلىقى باشقىلارنى ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزگەن ياكى بولمىسا ئىمتىھان مەيدانىغا يانفون ئەكىرگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 32 ئىمتىھان بەرگۈچى ئورنىغا باشقىلارنى ئىمتىھان بەرگۈزگەن، 32 سى ئىمتىھان مەيدانىغا يانفون ئېلىپ كىرگەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2007- يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنلىرى ئۆپچۆرىسىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ھەرقايسى تىل، قاتلاملار بويىچە قوبۇل قىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن، توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
|