|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا توپلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
بىرىنچى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلايلى›› دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەستىقلىنىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولدى.
يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىز ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا قانداق بايراق كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىلدى. دوكلاتتا پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي جەريانى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە تۈپ تەلىپى شەرھلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ يېڭى تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. دوكلاتتا يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيىمىزنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى. شۇنداقلا ماركسىزمنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)››دا پارتىيىنىڭ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا تۇرغۇزۇلغان مۇھىم نەزەرىيىۋى قاراش، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتايدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدۇ.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى تولۇق ئۆگىنىش، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك، مانا بۇ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش بايرىقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىقى. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت ئىناقلىقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ 2020–يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دەۋر پارتىيىمىزگە يۈكلىگەن يۈكسەك بۇرچنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
2. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت قولغا كەلتۈرگەن يېڭى، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيىسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە خېيىمخەتەرنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى سەۋىيىگە يەتتى. بۇ بەش يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان ۋە خەلق تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بەش يىل، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بەش يىل. شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ ئىجاتچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى روشەن كۈچەيگەن ۋە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن بەش يىل بولدى. ئەمەلىيەت پارتىيە 16–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىلگىرىلەش داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. 3. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغۋار تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشپارتىيىنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان، پارتىيە ۋە خەلق رايىغا، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 29يىلدىن بۇيانقى نەتىجە ۋە ئەمەلىيەت قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ تاللاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىقلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بېكىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تامامەن توغرا بولۇشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلالىشىدىكى ئاچقۇچبىزنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىن سىرت، ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى ئاتا قىلغان روشەن جۇڭگوچىلىققا ئاساسلانغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغانلىق سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھارماي تالماي ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرى سىڭدۈرۈلگەن، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىياسىي ۋە مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسى. ھازىرقى زامان جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرغانلىق ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ تۈپ مەسىلە بۇ يول ۋە بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشتۇر. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار پارتىيىمىز جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ياراتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنى يەنىمۇ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ ھەقىقىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش كېرەك.
4. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنىڭ نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈشى، ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن ھەم يىلتىزداش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم يېتەكچى فاڭجېنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنىتەرەققىيات، يادروسىئادەمنى ئاساس قىلىش، تۈپ تەلىپىئومۇميۈزلۈك تەكشى، سىجىل بولۇش، ئاساسىي ئۇسۇلىبىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا››نىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
5. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. مەملىكەت ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەم تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان كەسپىي قۇرۇلما، ئاشۇرۇش ئۇسۇلى، ئىستېمال شەكلىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى، بىز قەتئىي ئىشەنچىگە كېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزۈدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
6. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، ئورتاق ئالغا بېسىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشتە ئاچقۇچ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش سەۋىيىسى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم جەھەتتە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئاساسى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى جانلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىي ئادەت يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق خەلقنى بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە، ئەمگەك تاپاۋىتىگە ئىگە بولۇشقا، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئۆيى بولۇش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تاشقى خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى. 7. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيىنى باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم غايە ۋە ئېتىقادنى، ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىسىنى ساقلاشنى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنى باشتىن – ئاخىر ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرىدىغان، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، پاك، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىتتىپاقلاشقان، ئىناق بولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن پۈتۈن پارتىيىنى قوراللاندۇرۇشقا تىرىشىپ، يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ خەتەرنىمۇ ئويلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىشى، مەغرۇرلىنىش، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشتىن ساقلىنىشى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىشى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى نەزەرىيىنى ئىگىلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇش كېرەك
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ باغلاپ، ئۆگەنگەندىن پايدىلىنىش، پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىگىلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆگىنىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ماس كەلمىگەن، ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىيە، قاراشنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ ئاڭلىق مېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، روھى ھالەتتە ساقلىنىۋاتقان پەرقلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك ياراملىق بولۇشتەك روھى ھالەتنى ساقلاپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ كونكرېت كۈرەش نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرلىرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، تەرەققىيات قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بولۇۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال بولغان مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان نەمۇنىچىلار، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى سادىق ئىجرا قىلغۇچىلار، سوتسىيالىستىك شەرەپ نومۇس قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن قىلىش كېرەك. تۆتىنچى. پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك
تەشۋىق قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ 17–قۇرۇلتاي روھىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەز 10–ئاينىڭ ئاخىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ جايلارغا ئەۋەتىدۇ، جايلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە، لېكسىيە ئۆمەكلىرى تەشكىللەپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارى بار نەزەرىيە خىزمەتچىلىرىدىن لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلاملارغا لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تەشكىللەپ، كۆڭۈل قۇيۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم مەخسۇس سىتون، مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق باش ماقالە، ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ماقالىلارنى يېزىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە تارىخى تۆھپىسىنى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىغا بولغان قىزغىن ئىنكاسى ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۈنۈم، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىيەت بىلەن سۆزلەشكە، تىپ بىلەن سۆزلەشكە، سانلىق مەلۇمات بىلەن سۆزلەشكە ماھىر بولۇپ، ھەم ئەتراپلىق، توغرا ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇش كېرەك. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان قىيىن نۇقتا مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تاللانغان تېمىلارنى تىزىپ چىقىپ، نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق توغرا چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىش كېرەك. ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك
ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش كېرەك. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۆز رايون، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، تەشۋىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە يېقىندىن ماسلىشىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تەشكىلات ئورۇنلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتى، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات ئورۇنلىرى توغرا يېتەكلەش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆگىنىش، تەربىيىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مائارىپ ئورۇنلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنى دەرسلىككە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئۇنى مەكتەپنىڭ پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە، قاتلامنى پەرقلەندۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار چوڭقۇر ئۆگىنىپ تۈپ ماھىيىتىگە يېتىشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما 17–قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ئىگىلىشى كېرەك. ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى نۇقتا قىلىپ، پۈتكۈل پارتىيىدە ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز يېڭىدىن سايلانغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى ئاچىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مەركىزىي مەزمۇن قىلىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەركەزلىك ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل قاتنىشىش بىلەن بىللە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپرەك ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تىرىشىشى كېرەك. جايلار ھەر خىل شەكىلدىكى مۇھاكىمە سىنىپى، تەربىيىلەش سىنىپى، ئۆگىنىش سىنىپى ئېچىپ، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلىشى كېرەك.
كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، قىسىم، مەھەللىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىپ، كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پارتىيىلىك يولداشلارنىڭ ئۆگىنىشىنى، چەت، يىراق رايون، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى، ئىش ئورنىدىن قالغان، ئىشسىزلار ۋە كۆچمە نوپۇس ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش، تەربىيىلەشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانات يايدۇرۇش كېرەك.
جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەركەزگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
|