باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
‹‹پەن - تېخنىكا سارىيى پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش›› رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
2007- 11- 02 11:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر پەن - تېخنىكا مەركىزىنىڭ ئىلىم - پەن خىزمىتى ئىشخانىسى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ،‹‹پەن - تېخنىكا سارىيى پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش›› قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ، رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

   شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر ئىلىم - پەن خىزمىتى ئىشخانىسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەش پائالىيىتىنى ‹‹پەن- تېخنىكا سارىيى پائالىيىتىنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش›› تىكى نۇقتىلىق ئېچىش تۈرى قىلدى، بۇ يىل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 5 قېتىم سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەشكىللەپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تېنچلىق ئۆستىڭى ئۇنۋېرسال تەجرىبە مەيدانى، چىڭگېداخۇ سۇلۇق يەر تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى، شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، شىنجاڭ فۇكاڭ قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش، قۇشلار تۈرىنى تەكشۈرۈش، ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ياساش قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن چۈشەنچە بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ