باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن يەشمە
2007- 11- 02 10:53 شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتبايرىقى، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىقى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا پارتىيىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش تەنتەنىلىك، ئېنىق، مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ئۇنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېيتىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات  بايرىقى، پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىقى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ:

   بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. 19–ئەسىرنىڭ 40–يىللىرىدىن 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا توختىماي ئىزدەنگەن ۋە كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، بۇ غەربنىڭ كاپىتالىزم يولىنىڭ جۇڭگودا ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تاكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنى تاپقاندىن كېيىن، ئاندىن مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىنى باشلىدى. 29يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۇساپىسى ئارقىلىق، دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدىن بۇيان، كېيىن باش كۆتۈرگەن بارلىق چوڭ دۆلەتلەر تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئۇ پارتىيىمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجابىي ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي نەزەرىيە ۋە تاللىغان توغرا يول، ئۇ مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ بېيىشى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

   ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان 29يىلدىن بۇيان، پارتىيىنىڭ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن ئەمەلىي تەرەققىياتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەن بارلىق ئۇلۇغ نەتىجىلىرى، پارتىيىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن يېڭى سىناقلىرى، ئېرىشكەن يېڭى تەجرىبىلىرى، شۇ ئاساستا قولغا كەلگەن يېڭى ئويغۇنۇشلىرىنى يىغىنچاقلاپ،جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىجابىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر يېشىپ بەردى. پارتىيىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىغا ۋە تەرەققىيات يولىمىز، كۈرەش نىشانىمىز، ئورتاق غايىمىز ھەم ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بەردى؛ بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يەنىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ پارتىيىمىز سىياسىي لۇشيەنىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە ئىزچىللىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى؛ ئۇ پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىدىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

   ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات بايرىقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىقى. بۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان 29يىلدىن بۇيان چىقىرىلغان ئوبيېكتىپ تارىخىي يەكۈن، ئۇ  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلگەن، غايەت زور جەلپكارلىققا، ئويۇشۇشچانلىققا، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىرمەقسەتتە ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىدىكى ئورتاق غايىسى ۋە سىياسىي ئاساسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ،خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىيات قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ھەممە بىرنىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ!


 
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ