|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 29يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، 29يىللىق قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇ پارتىيىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىمىزنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.
29يىل ئىلگىرى، پارتىيىمىز پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش دەۋر بۇرغۇسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى تارىخىي دەۋرنى باشلىدى.
29يىلدىن بۇيان، پارتىيىمىز مەيلى قانداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت، قانداق خەۋپنىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە باشتىن – ئاخىر يېتەكلىگەچكە، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.
پاكىت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قارارى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرالايدۇ. بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىنىڭ زور ئىلھامىدۇر.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئىلگىرىلەشلىرىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىدە، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىزمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا ئېرىشكەن قىممەتلىك تەجرىبىسى، پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى كېرەك.
ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. پارتىيىمىز رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتىدۇ. ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەممىگە شىپا دورىنىڭ بولۇشى ناتايىن. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش تەلىپى، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى، بىر قەدەر مۇكەممەل، قېلىپلاشقان تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئاساستا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشنى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
|