|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
31–ئۆكتەبىردىن 1 – نويابىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ۋە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز لازىم.
يىغىندا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى يەتكۈزۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قاراشتى: ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش ئېتىقادىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىيلىكى، روھىي ماھىيىتى، تۈپ تەلىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدۇق. خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ئاشتى.
ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار، ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك كادىرلار قۇرۇلتاي روھىنى ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا 17– قۇرۇلتاي روھى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن سۇڭ رۇگو، خەلچەم ئىسلام، مەمتىمىن زاكىر، ماجيەنگو، جاڭ گولياڭ، ئاسانبېك تۇردى ۋە باش كاتىپ مەمەت رەجەپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.
|