باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئورۇنلار 17–قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى
2007- 11- 02 10:06 شىنجاڭ گېزىتى

‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى

    يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئورۇنلار پارتىيە  17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى نەچچە قېتىم نازارەت پارتكومى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى  ئېچىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىر ليۇ ياۋخۇا ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تىنچسىز، مۇقىمسىز ۋە ئىناقسىز ئامىللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېگىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.

   تۇرپان ۋىلايىتى 10–ئاينىڭ 24–كۈنى كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا 17–قۇرۇلتاي ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي رىزۋان ئەبەي 17–قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۈن چاڭخۇا ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر ئاي ئىچىدە قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسىدىكىلەر 10– ئاينىڭ 30–كۈنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ۋاڭ جىۋېن  مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى مەخسۇس ئۆگىنىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كارخانىلار، تارماقلار نىشانى ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كونكرېت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تۈزۈپ، چوڭ كارخانا ۋە گۇرۇھلارنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن  تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ