|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيى 2007–يىل 15–ئۆكتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا دوكلات بەردى، ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلايلى›› سەرلەۋھىلىك بۇ دوكلات يىغىن مەيدانىدىن تېلېۋىزىيە ئېكرانى، رادىئو دولقۇنى، ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە دۇنياغا تارقىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.
دوكلاتتا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشى توغرىسىدىكى بىر قاتار چوڭ مەسىلىلەرگە ئوڭۇشلۇق جاۋاب بېرىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ دوكلات پارتىيىمىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تارىخىي پەللىدە داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلىدىغان ماركسىزملىق پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
دەۋر رىتىمىنى چىڭ ئىگىلەپ، دوكلاتنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى بېكىتىش. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ لايىھىسى باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە تەييارلاندى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ بىۋاسىتە دوكلاتنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
2006–يىلى ئۆكتەبىردە پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى 2007–يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.
2006–يىلى 12–ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى ۋە دوكلات لايىھىسىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى:
ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات پىلانىنى ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن لايىھىلەش؛ ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى 2006–يىل 11 – دېكابىر جۇڭنەنخەينىڭ خۇەيرېنتاڭ زالىدا 1– ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يولداش ليۇ يۈنشەن، زېڭ پېييەن مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە مەركەز ئورگىنىدىن، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرىدىن، ئارمىيىدىن كەلگەن مەسئۇل يولداشلارمۇ، يەرلىكنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ بار ئىدى.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت تۈزۈش پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ دوكلات لايىھىسىگە مۇنداق ئېنىق تەلەپ قويدى: ۋارسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى بىرلەشتۈرۈپ، دوكلاتنى ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىدىغان، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدىغان، ئىلگىرىكىلەرگە ۋارسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ھۆججەت قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.
ئاساسىي تېما دوكلاتنىڭ جېنى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى توغرىسىدا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىزچىل چوڭقۇر ئويلاندى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا 2007–يىل 2 – مارت دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى بېكىتىشتىكى مەقسەت پارتىيە ئىچى – سىرتىغا، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيىمىزنىڭ قانداق بايراقنى كۆتۈرىدىغانلىقى، قانداق يولدا ماڭىدىغانلىقى، قانداق روھىي ھالەتتە قانداق تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ داۋاملىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلاشتىن ئىبارەت. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى تۆۋەندىكىدەك چوڭقۇر، مۇپەسسەل شەرھلىدى:
—قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، شۇنداقلا پارتىيە ئىچى ۋە سىرتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ئىپادىلىنىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنىڭ نېگىزى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
—تەپەككۇر مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە قانداق تەرەققىيات تەپەككۇرىغا ئەمەل قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆڭۈل بۆلىدۇ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدۇ. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئادەمنى ئاساس قىلغان، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى، ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىشلار ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، جەمئىيەت ئەزالىرى ئىتتىپاق، ئىجىل بولغان ئىناق تەرەققىيات بولۇشى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى راۋاجلاندۇرىدىغان ھەم ئۆزىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان تىنچ تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. بۇ پارتىيىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئاساسىي ئىدىيىسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
—روھىي ھالەت ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قانداق روھىي ھالەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؟ باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى، راستچىل،ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلاردىن ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى، جاپاغا چىداپ، ئەستايىدىل، قەيسىرانە، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھنى مۇستەھكەم تىكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
—نىشان يۆنىلىش دېمەكتۇر. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلق پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىدىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋالغا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە ماسلىشىپ، 2020–يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئون ئايدىن ئارتۇق لايىھە تۈزۈش جەريانىدا باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالتە قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىنى ئېچىلىپ، دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىگە قاراپ چىقىلدى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر دوكلات لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە نۇرغۇن مۇھىم كۆرسەتمە ۋە پىكىر بەردى.
تەسەۋۋۇرنى كېڭەيتىپ، ئەقىل – پاراسەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش. پارتىيە 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تۈزۈش جەريانى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنىڭ جانلىق ھەم كونكرېت ئەمەلىيىتى بولدى. پارتىيە ئىچى– سىرتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇ تارىخىي ھۆججەت پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.
دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، دوكلاتنى تۈزۈش جەريانىنى تەسەۋۋۇرنى كېڭەيتىش ئەقىل – پاراسەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش جەريانى قىلىش پارتىيىنىڭ ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھۆججىتىنى تۈزۈش خىزمىتىدىكى مۇھىم تەجرىبە، شۇنداقلا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.
تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش پارتىيىمىزنىڭ ئىشلارنى پىلانلىشىدىكى ئاساس، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى يول، شۇنداقلا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئوڭۇشلۇق تۈزۈشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. تەكشۈرۈش، تۈزۈش، يەنە تەكشۈرۈش، يەنە تۈزۈش، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى دوكلاتنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ باشتىن – ئاخىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك بولدى.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ بۇ توغرىسىدا مۇنۇلارنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈش جەريانىدا تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئەمەلىيەتكە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، رېئال ئەھۋالنى ھەقىقىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرىنى ياخشى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ يىغىنچاقلىشىمىز، سىستېمىلاشتۇرۇشىمىز ھەم دوكلاتتا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك...
2006–يىلى 10–ئاينىڭ باشلىرىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، مەركەز 20نۇقتىلىق تېمىنى بېكىتتى، بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر تەتقىقاتى، ئىناق جەمئىيەت نەزەرىيىۋى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق نەتىجىلەر ۋە تارىخىي تەجرىبە مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى 2020–يىلغىچە بولغان ئومۇمىي نىشان ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى تەتقىقاتى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەز 36تارماق ۋە ئورۇننى تەتقىقاتقا تەشكىللىدى ھەم يۇقىرىقى 20چوڭ تېمىنى 62كونكرېت تېمىغا ئايرىپ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، 62پارچە تەتقىقات دوكلاتى شەكىللەندۈردى. تەتقىقات تېما گۇرۇپپىلىرى 1523قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلار 20مىڭ 72ئادەم (قېتىم)غا يەتتى، بۇنىڭدىن تەتقىقاتنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2007–يىلى 4 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۈزۈش خىزمىتى خېلى بىر باسقۇچقا بېرىپ قالغاندىن كېيىن، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ دوكلاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قانچە مۇھىم مەسىلە بويىچە يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. دوكلات تۈزۈش گۇرۇپپىسى يەنە بىر قېتىم 17مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بويىچە مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ 14ئورگىنىغا بېرىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ياكى شۇ خىزمەتنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان رەھبەرلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالدى.
15–ئىيۇن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ، دوكلات ئورىگىنالىنى قاراپ چىقتى. 25–ئىيۇن باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تۈزۈشكە ئالاقىدار بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ‹‹25–ئىيۇن سۆزى››دەپ ئاتاپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، پارتىيە ئىچى – سىرتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇھىم ئىدىيىۋى ئاساس سالدى.
بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزدىن كېيىن، مەركەز يەنە يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى جاي ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلاردىن ۋاقتىدا پىكىر ئېلىپ، 83پارچە يازمىچە ماتېرىيال تاپشۇرۇۋالدى. دوكلات تۈزۈش گۇرۇپپىسى بۇ پىكىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، دوكلات ئورىگىنالىغا يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى شەكىللەندۈردى.
جايلار، تارماقلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن دوكلاتنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا بەرگەن تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپى 2700دىن ئېشىپ كەتتى. 1957تەكرار پىكىر چىقىرىۋېتىلدى. دوكلات تۈزۈش گۇرۇپپىسى تاپشۇرۇۋالغان بارلىق پىكىرلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ، 890تۈرلۈك پىكىر ۋە تەكلىپ قوبۇل قىلىپ، 950جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، بۇ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيىسىز زاتلارنىڭ 78تۈرلۈك پىكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
30–ئاۋغۇست مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئورىگىنالىنى قاراپ چىقتى. 17–سېنتەبىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ، دوكلات ئورىگىنالىغا پارتىيە ئىچى – سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، دوكلات ئورىگىنالىنى مۇزاكىرە قىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرلەرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار دوكلات ئورىگىنالىغا ھەر جەھەتتىن نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇ پىكىر ۋە تەكلىپ ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، ھەر تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا مايىللاشقان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تىرىشىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دوكلات تۈزۈش گۇرۇپپىسى دوكلاتقا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.
9– سېنتەبىر پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا دوكلات ئورىگىنالى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىنىپ، 239تۈرلۈك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلات تۈزۈش گۇرۇپپىسى مۇشۇ پىكىرلەرگە ئاساسەن، دوكلات ئورىگىنالىغا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى.
12–ئۆكتەبىر پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلات ئورىگىنالى ماقۇللىنىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
15–ئۆكتەبىر پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ دوكلات 2200دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.
بىر ئۇلۇغ بايراق، بىر ئىدىيە سىستېمىسى، بىر ئۇلۇغۋار نىشان، بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى. بۇ بىر پارچە سىياسىي خىتابنامە، ھەرىكەت پروگراممىسى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دەۋر رىتىمى توغرا ئىگىلىنىپ، تەرەققىيات باسقۇچىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىنىپ، خەلق ئارزۇسىغا مايىللىشىپ، يېڭى تارىخىي پەللىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا جاۋاب بېرىلدى. دوكلاتتا ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈش—دوكلاتتىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى.
دوكلاتنىڭ بېشىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تەنتەنىلىك ھالدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق جاكارلاندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى—زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش بايرىقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىقى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم—پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان يېڭى تارىخىي باسقۇچتىكى نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي ئاساسىي تېمىسى، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش بايرىقى. دوكلاتتىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم بايانلار، پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
29يىللىق مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان چوڭ ئېقىندەك قاينام – تاشقىنلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى دوكلات لايىھىسىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ قەلىمى ئارقىلىق مۇجەسسەملەندى. دوكلاتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى يەكۈنلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەرەققىياتلارنىڭ تۈپ سەۋەبى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئېچىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنىڭ نېگىزى—جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
‹‹ھەر قانداق خېيىمخەتەردىن قورقماي، ھەر قانداق ئېزىقتۇرۇشلاردىن قايمۇقۇپ قالماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىش، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك››—دوكلاتتىكى بۇ مەردانە سۆزلەر پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك قەسىمى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جىددىي ۋەدىسى.
يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جەزمەن دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
‹‹بىرىنچى مەزمۇنى تەرەققىيات، يادروسى—ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي تەلىپى—ئومۇميۈزلۈك، سىجىل ئىمكانىيەتلىك تەرەققىيات، تۈپ ئۇسۇلى—بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭ ئېتىبار بېرىش››—دوكلاتتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، تۈپ تەلىپى چوڭقۇر، ئەتراپلىق شەرھلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەزەرىيە ۋە يېڭى بايانلار بار. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش—جۇڭگودىكى بىر مىليارد 300مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. دوكلاتتا دەۋر تەلىپىگە ئەگىشىپ، خەلق ئارزۇسىغا مايىللىشىپ، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشنىڭ بەش يېڭى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇش...››
‹‹سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش...››
‹‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش...››
‹‹ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش...››
‹‹مەدەنىي ئېكولوگىيە قۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان كەسپ قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش...››
دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك، قەدىمىي دۆلىتىمىز ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلىتىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى مەنزىرىسى قايناق ھېسسىيات بىلەن تەسۋىرلەندى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى دوكلاتقا قاراپ چىققاندا، دوكلاتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكىچە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىگىلىك تىكلەشكىچە، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكىچە، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاشقىچە... بولغان ئەمەلىي بايانلارنىڭ كىشىدە يېڭى تەسىرات پەيدا قىلىپلا قالماي، چوڭقۇر مەنەلەرنىمۇ ئاتا قىلىدىكەن، دېيىشتى. دوكلات ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى ئۇچۇر جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.
بۇ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە.
بۇ ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسى.
ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، نىشان كىشىنى جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.
159يىلنىڭ ئالدىدا ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنىپ، سوتسىيالىزم خام خىيالدىن ئىلمىي نەزەرىيىگە ئۆزگەردى.
58يىلنىڭ ئالدىدا سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ، 20–ئەسىردىكى زور ۋەقە سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئۆزگەرتتى.
29يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتەك يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەيدان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.
2007–يىلى 10–ئايدا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنى بەلگە قىلغان يېڭى تارىخىي پەللىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى يارىتىش ئۇلۇغۋار يۈرۈشى باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ياراتماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
|