|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 31–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ بەش ئەزاسى 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پېشقەدەم كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، پارتىيىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى.
كۆپچىلىك بىردەك: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، دېيىشتى.
|