|
نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
30–ئۆكتەبىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ گېزىتخانىسى بىرلىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى 40نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ نەيچۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيىنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىگە زور ئىلھام ۋە مەدەت بەردى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يۈكسەك ئورنى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئاڭلىق قاتنىشىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور لا دىشېڭ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يۈندې مۇنداق دېدى: 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى يەن دىڭيىڭ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دىلمۇرات مۇنداق دېدى: 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى باياندا يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرا ئىگىلەنگەن ھەم ئىلمىي تەبىر بېرىلگەن، بىز ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر لياۋ يۈنجيەن سۆھبەت يىغىنىدا: ‹‹17–قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلدى.
|