باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، تارماقلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى
2007- 11- 01 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

   بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، تارماقلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شياڭلىن 25–ئۆكتەبىر ئوبلاستنىڭ تۆت چوڭ بەنزىسىنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، گوۋۇيۈەننىڭ 32–نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرۇۋاتقان ‹‹ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش›› ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مۇھاكىمە پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوبلاست ۋە ئوبلاست تەۋەسىدىكى ناھىيە(شەھەر)، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي ھۆججىتىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي خىزمەت جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئۆگىنىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىلى تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

   25–ئۆكتەبىر قۇمۇل ۋىلايىتى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى ئاچتى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو ليەنشەن قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئارقىدىن ۋىلايەتلىك پارتكوم يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇردى. قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم مۇنداق قارار قىلدى: ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە ۋىلايەتتىكى تۆت بەنزە ئەزالىرى ۋە تارماقلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى پرىنسىپ جەھەتتە سىرتقا چىقىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرماي، مەركەزلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىللىق تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىر، يېڭى بۆسۈش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى كۆپ قېتىم نازارەت پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە نازارەت بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. نازارەت پارتگۇرۇپپىسى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىش توغرىسىدىكى يوليورۇقى ۋە پارتىيە 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرنى ئاساس قىلىش، ئىككىنى بىرلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش كېرەك.  

   بىرنى ئاساس قىلىش دېگىنىمىز، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹25–ئىيۇن›› مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، تۆتتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش دېگىنىمىز، بىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئىككىنچىسى، سۇچىلىقنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى تەرەققىيات نىشانى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش تەپەككۇرىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىدىكى پارتىيىلىك كادىرلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىنى تۈرلۈك شەكىلدە تەكرار ئۆگەندى. نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ما مىڭچېڭ نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىش قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، كادىرلار سىستېمىلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەمۇرلارنى باشقۇرۇش، كەسىپ تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتى قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كادىرلار تارماقلىرىنى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار بازىسىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش كېرەك.
 
   شىنجاڭ چېگرا پرىيوم – كارانتىن ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى يېقىندا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىلگىرى  كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى سىستېما بويىچە پرىيوم  كارانتىن خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغىدى.
v 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ