|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 24–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرىپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيىلىك كادىرلاردىن 17–قۇرۇلتاي روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجادىي تەكلىپلەرنى بېرىپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسقەت كەرىمباي ئالدى بىلەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ بەرگەن دوكلاتنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يېڭى دەۋر شارائىتىدا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۇلۇغ پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئالغا بېسىش يۆنىلىشىمىز كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ دوكلات پارتىيىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلىشىدىكى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى.››
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە مەخسۇس كومىتېتلار پارتىيىلىك كادىرلارنى 17–قۇرۇلتاي روھىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە بىر ئاي ئەستايىدىل تەشكىللىشى كېرەك. مەخسۇس كومىتېتلار 17–قۇرۇلتاينىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.›› ئۇ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدىن ئىلگىرىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.››
|