|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايون 26–ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىنى، بولۇپمۇ 17–قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى قاراش، يېڭى يەكۈن، يېڭى تەدبىر ۋە قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، مىنۇت سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 17–قۇرۇلتاي روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۈچىنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابدۇرېھىم ھامىد، ئەسقەت كەرىمباي، نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيېلار يىغىنغا قاتناشتى.
ۋاڭ لېچۈەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ھۆججەتلىرى ۋە يىغىن روھىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئېچىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، مېڭىنى قوراللاندۇرۇشقا ئېتىبار بېرىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇ جاي، شۇ ئورۇننىڭ كونكرېت كۈرەش نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئوي پىكرى ۋە يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك
17–قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تېزدىن ئومۇمىي خىزمەتنى پىلانلاپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ھازىرقى خىزمىتىمىزنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مۇھىم يېتەكچىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىسىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شۇ جاي، شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، تەشۋىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پارتكومنىڭ بىردەك رەھبەرلىكىدە 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى 17–قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياخشى روھىي كەيپىيات ۋە خىزمەت ئىستىلى بىلەن ھازىرقى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
|