باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك
2007- 10- 29 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزدى ۋە قۇرۇلتاي روھىنى مەركەزلىك ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىد پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى. 

   ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنداق دېدى: پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش،  ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىز مەزگىللىك ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق 17-قۇرۇلتاي روھىنى تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

   ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىكتىكى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا. پارتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە  چىڭ تۇرۇپ ۋە پارتىيىگە تايىنىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى تۈزۈم ۋە قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مىزانى قىلىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنىڭ دېموكراتىيىلىشىش دەرىجىسىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان قائىدە – نىزام ۋە چىقارغان قارار، بەلگىلىمىلەرنىڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئابدۇرېھىم ھامىد يەنە مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتتىكى تارماقلار 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر ھۆججىتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، كېلەر يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، خىزمەتنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرىنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا  بويسۇندۇرۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ