|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، سىياسىي مائارىپ تەتقىقاتچىسى مايەننىڭ 23 – ئۆكتەبىر ئاشكارلىشىچە ، كىلەر يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنى تۇلۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا باسقۇچىدا ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن ، ئۇنېۋېرسال ئەمەلىي پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم 23 نومۇر بېرىلىدىكەن . بۇ 23 نومۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۇتتۇرۇش – پۇتتۇرەلمەسلىكىدىكى مۇھىم بىر ھالقا ھېسابلىنىدىكەن .
بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلاەرنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىكى ۋەزىپىسى نوقۇل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشلا بولمايدىكەن ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بولىدىكەن . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن . يېڭى دەرسلىكلەردە ئىلگىركى يەككە پەنلەرنى ئۆگىنىش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلىپ ، ئۆگىنىدىغان ساھە (مەسلەن ، تىل – ئەدەبىيات ، ئىلىم – پەن) ، پەن تۈرى (مەسلەن تىل – ئەدەبىيات پېنى ، تىل – ئەدەبىيات ۋە چەتئەل تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؛ئىلىم – پەن پېنى فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيەئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ،تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەر ، ئوقۇش نومۇرى قاتارلىق يېڭى ئەندىزە قوشۇلىدىكەن .دەرسلىك مەزمۇنلىرى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇلىدىكەن ، ئىلگىركىدەك ئابىستىراكىت بولمايدىكەن . پەنلەر ئۆز – ئارا باغلىنىشلىق قىلىندىكەن . يەنى ئەدەبىيات ، تارىخ ، جۇغراپىيە دەپ ، بەك ئايرىلىپ كەتمەيدىكەن .
ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلدىكى ھەر بىر ئۆگىنىش ساھەسىدە مۇئەييەن ئوقۇش نومۇرى ئېلىشى ، ئۈچ يىلدا زۆرۈر ئوقۇشلۇقلاردىن 116 نومۇر ئېلىشى ، تاللىما ئوقۇشلۇقلاردىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئالتە نومۇر ئېلىشى كېرەك ئىكەن . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 144 نومۇرغا ئاندىن ئوقۇش پۇتتۇرەلەيدىكەن . تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تاللىما ئوقۇشلۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇسا بولىدىكەن ، تاللىما ئوقۇشلۇقلارنى يىللىق ئاتلاپ چىقىپ ئوقۇسىمۇ بولىدىكەن .
|