باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2007- يىللىق كۈز پەسللىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 27 – ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
2007- 10- 25 13:08 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

    شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2007- يىللىق كۈز پەسللىك ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى موشۇ ئاينىڭ 27-، 28- كۈنلىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىم 400گە يېقىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىش ئىزدىگۈچىلەرنى 5000غا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىك چوڭ تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، پاي ھەسسىدارلىق كارخانىلىرى، گوروھ شىركەتلەر، بازارغا كىرگەن شىركەتلەر، چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار، خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە باشقا ئولكىلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تارماقلىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ