|
ئىگىلىنىشىچە، 2008- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا توردا تېزىملىتىش موشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى باشلانغان بولۇپ ، كىلەر ئاينىڭ 2- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەركىزىي ئورگانلار ۋە ئۇلارغا بىۋاستە قاراشلىق تارماقلار ھەمدە دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئىدارە- ئورگانلاردىن بولۇپ 139 ئورۇن ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قۇبۇل قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي بەش ئورگان ئىمتىھان ئارقىلىق 100 ئادەم قۇبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى 48 ئادەم، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى 5 ئادەم، شىنجاڭ مىترولوگىيە ئىدارىسى 19 ئادەم، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى شىنجاڭ نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى 20 ئادەم، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى شىنجاڭ نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى 8 ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، توردا تېزىملىتىش مۇددىتى ئىچىدە، تېزىملاتقۇچىلار كادىرلار ئىشلىرى مىنستىرلىكىنىڭ تورى (www.mop.gov.com)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىلىتماسىنى تاپشۇرسا بولىدىكەن. تاموژنا سېستىمىسىغا ئىمتىھان بېرىدىغانلار (تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) (http://www.customs.gov.vn ) غا كىرىپ تىزىملاتسا ۋە سۈرۈشتۇرسە بولىدىكەن .ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلار كىلەر ئاينىڭ 4- كۈنى 24 سائەت ئىچىدە كادىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ تور پونكىتىدىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن- ئىرىشمىگەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن.
|