|
‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى 2007 – يىلى 25- سېنتەبىر بېرلىندىكى روسىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە، ئىككى مەيدان ئويۇن قويدى ۋە كۆرگەزمە ئويۇشتۇردى. ئويۇن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە سەھنىسىدىكى شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان 500 نەچچە سۆرەتلىك ژورنال ۋە كىتاپ قاتارلىق تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گىرمانىيىلىك تاماشىبىنلار ئېلىپ كەتتى.
روسىيە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇرافرېف ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹ سىلەرنىڭ تەشۋىقات بويۇملىرىڭلارنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول، بېسىلىشى كۆركەم ئىكەن. سىلەرنىڭ كىتاپ ۋە سۆرەتلىك ژورناللىرىڭلارنى تاماشىبىنلار ياقتۇرۇپ قىلىپ ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. مېنىڭچە بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە يېپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچى. سىلەرنىڭ ئارتىسلىرىڭلارمۇ قالتىس ئىكەن. ئۇلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى. بولۇپمۇ مىللىيچە كېيىم- كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت بويۇملىرى بەكمۇ ئېسىل ئىكەن. مەن بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو مەدەنىيەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن ››.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ ياۋرۇپادىكى ئۈچ دۆلەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق ئېناقلىقى مەركەزلىك نامايەن قىلىندى. شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرى بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىي ، ئىناق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. فوتوسۆرەت ئەسەرلىرى بولسا بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ كارتىنىسى. مىللىيچە كېيىم- كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت، قول- ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرى، خەتتاتلىق ۋە ھۆسنىخەتلەر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاتلار كۆرگەزمە ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا قىزىقىپ قالدى ھەمدە شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش، شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىش، شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ›› .
|