باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى››نىڭ نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتى باشلاندى
2007- 09- 19 11:39 تەڭرىتاغ تورى

 ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ نورۋېگىيىدىكى كۆرگەزمىسى ۋە تۇنجى مەيدان ئويۇنى 2007 - يىلى  16- سېنتەبىر كەچتە، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىكى دۆلەت مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

      ئوسلو دۆلەت مۇزىكا زالى شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ مۇزىكا زالىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە، زالدىكى بىر مىڭ 400 دىن كۆپرەك ئورۇن تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. نورۋىگىيىلىك تاماشىبىنلار شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئورۇندىغان ھەر بىر سەنئەت نومۇرىغا  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىتىپلا قالماستىن، ئۇلارغا توختىماي گۈل سوۋغا قىلدى. ئويۇن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چەت ئەللىك يۈزدىن كۆپرەك ئەلچى شۇنداقلا نورۋىگىيە سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلار كۆتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› گە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە جۇڭگونىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇنداقلا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

      2007 – يىلى 17- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، نورۋېگىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىبى گرىدران ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى يى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناقلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. گرىدران ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ