|
3- نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيەت كەسپى يەرمەنكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى كۆكخوتتا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى كۈنىلا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 86 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كەسپى يەرمەنكىسىدە غەربىي رايون ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى ۋە كىتاب، ئۈن– سىن، رادىئو – كىنو– تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، مەدەنىيەت بويۇملىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، ھەمدە مەدەنىيەت كەسپى باشلىقلىرى مۇنبىرى، تاللانغان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش، مەدەنىيەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش، ئويۇن قويۇش نومۇرلىرى ئۈستىدە كېڭىشىش، 8 ئۆلكە رايون كىتاب كۆرگەزمىسى سېتىش، زاكاس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەرمەنكىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن پۇختا تەييارلىق كۆرگەن بولۇپ، مەدەنىيەت كەسپى تۈرىدىن 120 دىن ئارتۇقنى قاتناشتۇردى. يەرمەنكىنىڭ بىرىنچى كۈنىلا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزگىچە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنى، گۈزەل ناخشا- مۇزىكا ئويۇنى ئارقىلىق زور تۈركۈمدىكى تاماشىبىنلارنى كۆرۈشكە ۋە كېڭىشىشكە جەلىپ قىلدى. ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ تۈرلەر ئايرىم ھالدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ مۇھاجىرلار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ‹‹ تەڭرىتاغدىكى قەدىمىي قەلئە ›› كىنو- تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى تۈرى، بۇ تۈرنىڭ بىرىنچى قارارلىق كېلىشىم سوممىسى 30 مىليون يۈەن؛ بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن خۇاشەن ئوۋ ئوۋلاش مەيدانىنىڭ جىڭ ناھىيىسى خۇاشەن ئوۋ ئوۋلاش تۈرى، كېلىشىم سوممىسى 33 مىليون يۈەن؛ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شەندۇڭ كىنو– تېلېۋىزىيە مەركىزىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› تۈرى، كېلىشىم سوممىسى 20 مىليون يۈەن؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە تۇنجى قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 3 مىليون يۈەنگە يەيتتى، يەنى بېيجىڭ جياۋگۇاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، شەنشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جۇڭگو ياشلار ساياھىتى بىلەن ‹‹ شىنجاڭدىن بەھىر ئېلىش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
|