|

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى كاڭجيا شىمىنزى قىيا تاش رەسىملىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي باشلاندى. دۆلەت بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن بىر مىليون يۈەن ئاجراتتى.
قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى كاڭجيا شىمىنزى قىيا تاش رەسىملىرى-- ئاپتونوم رايونىمىز چېگرىسى ئىچىدىكى مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت ئىزناسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ جاي 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى كاڭجيا شىمىنزى قىيا تاش رەسىملىرى 1987- يىلى بايقالغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنى قوغداشنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسى زور بولغانلىقتىن، قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ دائىرىسى ئەڭ دەسلەپتە بايقالغان 120 كۋادرات مېتىردىن تارىيىپ، ھازىر 100 كۋادرات مېتىرغا چۈشۈپ قېلىپ، قوغداش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۆر بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 4 باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، « قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇش» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدىكەن ھەمدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا مۇستەھكەملەش ئېلىپ بېرىلىپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئېكىسكۇسىيىچىلەرگە ئەڭ زور چەكتە نامايان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

|