باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› ، ‹‹ ھەسەن- ھۈسەن بويلىغان تەڭرىتاغ›› ، ‹‹ دۆڭكۆۋرۈكتىكى كىشىلەر›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەخسۇس فىلىم تارقىتىلدى
2007- 08- 07 12:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئىشلىگەن ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› ، ›› ھەسەن- ھۈسەن بويلىغان تەڭرىتاغ›› ، ‹‹ دۆڭكۆۋرۈكتىكى كىشىلەر›› قاتارلىق 3 مىڭ يۈرۈش مەخسۇس فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى. ئېگىلىنىشىچە، بۇ بىر يۈرۈش مەخسۇس فىلىم 11 خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى كونسۇلخانىلىرىغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىلگەن. ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹ ئىنسانلارنىڭ ئاغىزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى››  قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ئىككى يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىدارىسى 12 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇلتۇر 5- ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› مەخسۇس فىلىمنى سۈرەتكە ئالدى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى چەت ئەللەرگە تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتى بىلەن خەلقئارا ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھازىر ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى›› ، ‹‹ ھەسەن- ھۈسەن بويلىغان تەڭرىتاغ ›› ، ›› دۆڭكۆۋرۈكتىكى كىشىلەر›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەخسۇس فىلىم ئىشلىنىپ بولدى ھەم 11 خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلىندى، ئارىسىدا 9 خىل چەت ئەل يېزىقىدىكىسى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى كونسۇلخانىلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 200دىن ئارتۇق چەت ئەل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قويىشىغا تونۇشتۇرۇلدى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ