|
‹‹ 2007- يىللىق جۇڭگو مىللىيچە بۇيۇملار يەرمەنكىسى›› 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە يېپىلدى، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئۆزگىچە بايلىق مەنبەسى، يېڭىچە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشقانلارنى جەلپ قىلىپ، زور نەتىجە ھاسىل قىلدى.
شىنجاڭ كارخانا مەھسۇلاتلىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، ئىستېمالچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مىۋە، ھاراق، كۆكتاتلىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئارمان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان مۇنداق دېدى: كۆكخوت شەھىرىدىكى خېرىدارلار ئارمان شىركىتىمىز بىلەن ۋەكالىتەن سېتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە سېتىلىشىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ شۆليەن ئۇيغۇر دورا بىئو قۇرۇلۇشى چەكلىك شاركىتىنىڭ باش مۇدىرى راۋ فىڭ موخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە دورا ماتىرىياللىرى بايلىقى كۆچىلىكنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى، بۇ قېتىملىق ‹‹ مىللىچە بۇيۇمللار يەرمەنكىسى›› دە، خېنەن، خېبېي، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق 6 ئۆلكە شىركىتىمىز بىلەن مەھسۇلاتلارنى ۋەكالىتەن سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، يىللىق سېتىش سوممىسى 8 مىليۇن يۇەنگە يېتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- سودا كومىتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى — ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات تېخنىكىلىرىنى نامايەن قىلىپ، كۆپچىلىككە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مول بايلىق مەنبەسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت.
|