|
كەلپىن ناھىيىسى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئوبدان ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىدىكى 5 قەدىمىي مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 6- تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ كەلپىن ناھىيىسىنىڭ قەدىمىي ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى بولغان، ياسىلىش جەريانىدا ھېچقانداق خىمىيىۋى تەركىپ قوشۇلماي ساپ ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدىغان كەلپىن قوشۇقى بىلەن ھەر خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان كەلپىن چېپىت نېنى بۇ يىل ئەتىيازدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر شانلىق مۇۋەپپىقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قىزىش، رەتلەش خىزمىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەردى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ تىرىشىشى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر خىل ھۈنەر- كەسپ ئۇستىلىرى، ئاتاقلىق شەخىسلەر، خەلق سەنئەتكارلىرى، يازغۇچى- شائىرلار، رەسساملاردىن بولۇپ 200 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئارخىپى رەتلەپ چىقىلدى. ناھىيە تەۋەسىدىكى قەدىمىي شەھەر، قەدىمىي قەبرىستانلىق، ئۆتەڭ، كېچىك قاتارلىق 100 دىن كۆپرەك ئورۇننىڭ نامى تۇرغۇزۇلدى. ‹‹ كەلپىن خەلق قوشاقلىرى›› ، ‹‹ كەلپىن خەلق ماقال- تەمسىللىرى›› ، ‹‹ كەلپىن خەلق چۆچەكلىرى›› دىن ئىبارەت 3 توپلام نەشر قىلىندى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە تۇنجى قېتىملىق ئەل ئىچى قول ھۈنەرۋەنلەر ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ھەر خىل مەھسۇلاتلاردىن300 پارچىدىن كۆپرەك مەھسۇلاتنى يىغىپ كۆركەزمە قىلىش، باھالاش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى ئۈچ دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە ياخشىلىرىنى تاللاپ 4- نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى ۋە 4- نۆۋەتلىك ئاقسۇ كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدا يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىدە ساغلام تەرەققى قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
|