باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
شىنجاڭ بەشبالىق غەربىي بۇتخانا خارابىسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا
2007- 07- 24 11:19 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       19 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان شىنجاڭ بەشبالىق غەربىي بۇتخانا خارابىسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. نۆۋەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە زالى ۋە خارابىنى قوغداش كەپىسى قۇرۇلۇشى ئاياغلىشاي دېگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 12 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بېيتىڭ غەربىي بۇتخانا خارابىسى 10- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى سالغان خان جەمەتى بۇتخانىسى. ئەسىرلەردىن بۇيانقى بوران -چاپقۇنلاردا بۇ بۇتخانا ئىغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى 2006- يىلىدىن ئېتىبارەن بېيتىڭ غەربىي بۇتخانا خارابىسىنى قوغداشنى باشلىغان. 2008- يىلىغىچە، خارابىلەرنى ئارخىئولوگىيىلىك قىزىپ تەكشۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئېچىپ، جاھان ئەھلىگە بۇتخانىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرسىتىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ