باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹جۇڭگودىكى قازاقلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى›› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2007- 07- 20 11:32 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئويۇشتۇرغان ‹‹ جۇڭگودىكى قازاقلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى›› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

      ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، لى يى، نۇرلان ئابىلمەجىن، دەلىلقان مامىقان، كۈرەش مەخسۇتلار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

      ئەسقەت كەرىمباي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى تۆھپىسى دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇزاق مۇددەت پايدا يەتكۈزىدىغان چوڭ ئىش. جۇڭگودىكى قازاقلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا نۆۋەتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى تەلەپلەرنى تۇلۇق تۇنۇپ يېتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئۇنى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، پاسسىپ ھالەتتىكى قوغداشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداش، يەككە ھالەتتىكى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش، جانسىز ھالەتتىكى قوغداشنى جانلىق ھالەتتە  قوغداش جەھەتتە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئىزىغا سېلىش كېرەك.

      قازاقلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى_ ئېلىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە مىللىي، رايون خاسلىقىغا ئىگە. 2006-يىلى 5-ئايدا قازاقلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىك خارەكتىرىگە ئىگە " ئاقىنلار ئېيتىشىشى" ئېلىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل يەنە قازاقلارنىڭ 12 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى_ قازاقلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇھاكىمە يىغىنى بولدى، بۇنىڭدىن مەقسەت_ ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سىستېما نەزەريىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھەتتا ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسىل ئەنئەنە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

      150 دىن ئارتۇق ۋەكىل بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن سىرت، يەنە بېيجىڭ، جېجياڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي، تىل- ئەدەبىياتى، مىللىي ئۆرپ- ئادىتى، ئاقىنلار ئېيتىشىشى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلدى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ