باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2007- 06- 21 12:03 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆسەتتى: ھەر دەرىجىلىك تىل - يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى  دۆلەتنىڭ تىل - يېزىققا ئائىت سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تىل - يېزىق خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىناق  بولغان تىل-يېزىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

      نۇر بەكرى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق بولسىمۇ، لېكىن تىل- يېزىقىمىز كۈنسېرى جانلىنىش، تىل-يېزىق قارىشىمىز كۈنسېرى كۆپ خىللىشىش، تىل-يېزىق ئىشلىتىش مۇرەككەپلىشىش قاتارلىق خىرسقا دۈچ كەلدۈق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە تىل - يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولداشلار مەۋقەنى نۆۋەتتىكى خىزمەتكە قارىتىپ، يىراققا نەزەر سېلىپ،( قوش تىل) ئۆگىنىشنى داۋاملىق، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ تەرجىمە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داڭلىق تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيلىقى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىدە، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ‹‹ خەنزۇچە - ئىنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە پەن - تېخنىكا چوڭ لۇغىتى ›› ، ‹‹  ھازىرقى زامان قازاق تىلى›› ،  ‹‹ ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە چوڭ لۇغەت›› ، قاتارلىق يېرىك ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزچە تىل - يېزىقلارنىڭ ئالاقىدار قېلىپ، ئۆلچەملىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. (قوش تىل) ئوقۇتۇشمۇ شەھەر، بازارلاردىن  چەت ، يېراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا كېڭەيدى. يىغىندا، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى بويىچە شىنجاڭدا تىل - يېزىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر مۇكاپاتلاندى. كورلا، ئالتاي، قومۇل قاتارلىق ئۈچ شەھەرگە 2 - تۈركۈمدە شەھەرلەردە تىل - يېزىقنى باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىق گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا قاتالىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ