باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
2007-يىللىق يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
2007- 06- 18 11:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       2007- يىللىق يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

      بۇ قېتىمقى يىغىندا، يىپەك يولىنىڭ جۇڭگو بۆلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەت ئەندىزىسى، دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، نەق مەيدان كەسپى، باھالاش ۋاقتى ھەمدە لېنىيىسى ۋە يىپەك يولى جۇڭگو بۆلىكىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى تەييارلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار مۇنازىرە قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېڭ چۈنشۇ يىغىندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئاسراش خىزمىتىدە ئىلگىرلەش كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى  پۇرسەت بولۇپ قالغۇسى.

      شەنشى، خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي، ئىچكى مۇڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەر قايسى جايلارنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ