باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك ئارخېئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا نارات سەيلىگاھىغا يېتىپ باردى
2007- 06- 18 11:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايۇنلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك ئارخېئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا نارات سەيلىگاھىغا يېتىپ باردى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى مەقسىتى– سەيلىگاھتىكى 12 قەدىمىي قەبرىنى نۇقتىلىق قېزىش ئارقىلىق، ناراتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ باشلانغان جاي ئىكەنلىكىنى دەلىللەشتىن ئىبارەت.

نارات يايلاقلىرى

      نارات يايلىقى جايلاشقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيىسى— ئېلىمىزدىكى قازاق مىللىتى ئەڭ مەركەزلەشكەن ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ، مەملىكەتتىكى قازاق مىللىتىنىڭ تەخمىنەن %10 تى يەنى 124 مىڭ قازاق بۇ يەردە ياشايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ، نارات يايلىقىنىڭ ‹‹ قازاق مىللىتىنىڭ بۆشۈكى››  دېگەن نامى بار. غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلاپلا قازاق مىللىتى بۇ يەردە چارۋىچىلىق قىلىپ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە ئاستىرنومىيە، جۇغراپىيە، تىببىي ئىلىم، مۇزىكا قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ