|
مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› مۇكاپاتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 1991 - يىلى تەسىس قىلغان، ئۇ دەسلەپتە نەزەرىيىۋى ماقالە، سۈرەتلىك كىتاب ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى ئۈچ تۈر(كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دراما) بولۇپ جەمئىي بەش مۇكاپات تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېيىن يەنە نەزەرىيىۋى ماقالە، نەزەرىيىۋى مەخسۇس فىلىم، سۈرەتلىك كىتاب ۋە ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتتىكى بەش تۈر(كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دراما، رادىئو درامىسى، ناخشا)بولۇپ سەككىز مۇكاپات تۈرىگە كۆپەيتىلدى، دەسلەپىتكى يىلدا بىر باھالاشتىن 1999- يىلىدىن باشلاپ ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالاشقا ئۆزگەرتىلدى. بۇ پائالىيەت ھازىرغا قەدەر توققۇز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىل 10- نۆۋەتلىك ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە باھالاشقا يوللاش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە باھالاشقا يوللاش خىزمىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، 2 - نۆۋەتلىكتە كىنو ‹‹ئاماننىساخان›› (تيەنجىن بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن)مۇكاپاتلاندى؛ 3 - نۆۋەتلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹تىمتاس گۇگۇم›› نامزاتلىققا كۆرسىتىش مۇكاپاتى(بىرەسمى)غا ئېرىشتى؛ 4 - نۆۋەتلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى؛ 5 - نۆۋەتلىكتە ئىككى تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەنى ناخشا ‹‹ھەممىدىن گۈزىلى يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ››، نەزەرىيىۋى سۈرەتلىك كىتاب ‹‹ماركىسىزملىق دىنىي قاراش قىسقىچە ئوقۇشلۇقى››؛ 6 - نۆۋەتلىكتە بەش تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيەت - سەنئەت تۈرىدىن دراما ‹‹گۈلەمخان››، ناخشا ‹‹تەڭرىتاغ ئوغۇل - قىزلىرى›› قاتارلىقلار بار، 1999- يىلىدىكى 7 - نۆۋەتلىك ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى››دا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن يەتتە ئەسەر مۇكاپاتلاندى ھەم تەشكىللەش خىزمىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن قېتىملىقى 2001- يىلىدىكى 8 - نۆۋەتلىك ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى›› بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن توققۇز ئەسەر مۇكاپاتلاندى ھەم تەشكىللەش خىزمىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2003- يىلىدىكى 9 - نۆۋەتلىكتە باھالىنىدىغان مۇكاپات تۈرى قىسقارتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشلىگەن كىنو ‹‹قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى›› بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹قېرىنداشلار›› تاللانغان ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
|