باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
كۇچا ۋاڭ ئوردىسى بىلەن لەڭگەر كەنتىگە ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى››، دېگەن تاختا ئېسىلدى
2007- 06- 15 11:31 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
 
     كۇچا ۋاڭ ئوردىسى بىلەن كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاغى يېزا لەڭگەر كەنتىگە ئايرىم - ئايرىم ‹‹ ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى››، دېگەن تاختا ئېسىلدى.

     كۇچا ۋاڭ ئوردىسى بۇلتۇر  26- مارت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ3Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى سۈپىتىدە، كۈسەن مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، 60مىڭ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئاخىرقى ۋاڭ ئەۋلادى داۋۇت مەخسۇت ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

    لەڭگەر كەنتىدىكى ‹‹مەملىكەتلىك ئارمىيىنى ھېمايە قىلىش نەمۇنىچىسى›› قادىر باقى بوۋاي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئارمىيىنى ھېمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەربىيلەر بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ھازىرغا قەدەر، كۇچا ناھىيىسىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىدىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ