باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك
2007- 06- 14 10:30 شىنجاڭ گېزىتى

زىيارەت قىلىنغۇچى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇزەپپەر مىجىت

مۇخبىر: بەزى ئوقۇرمەنلەر مۇنداق بىر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، يەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ماي بايرىمى ئىلگىرىكى چاغدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟

مۇزەپپەر مىجىت: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقىدىن خېلى كۆپىيىپ، 844مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18.5 ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خەجلىگەن پۇل478.7يۈەنگە يەتتى.

بۇ يىل ماي بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىدە تۆۋەندىكىدەك يەتتە ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى: بىرىنچىسى، ساياھەت شەكلى كۆپ خىللاشتى. ساياھەتچىلەر نوقۇل سەيلە – ساياھەت قىلىشتىن كۆپ مەنبەلىك ئىستراھەت ساياھەتچىلىكىگە يۈزلەندى. ئارام ئېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ئىستراھەت ئېڭى بارا  بارا ئۆزلىشىۋاتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، شەھەر، يېزا ساياھەتچىلىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى؛ ئۈچىنچىسى، ساياھەت ئېھتىياجى قۇرۇلمىسىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى؛ تۆتىنچىسى، ئۆز ئالدىغان ساياھەت قىلغۇچىلار، ئاپتوموبىللىق ساياھەت قىلغۇچىلار تېز كۆپەيمەكتە؛ بەشىنچىسى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى كۈندىن – كۈنگە مۇنتىزىملاشتى؛ ئالتىنچىسى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى سەيلە قىلغۇچىلار ئۇدا كۆپىيىۋاتىدۇ؛ يەتتىنچىسى، ‹‹ئالتۇن ئاي››، ‹‹ئالتۇن پەسىل›› ساياھىتى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى ئوقۇرمەنلەر تېلېفون بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل يېڭىدىن قايسى ساياھەت لىنىيىلىرى تەسىس قىلىنغانلىقىنى سورىدى.

مۇزەپپەر مىجىت: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللىي ئۆرپ  ئادەت، فولكلور مەدەنىيىتى، سىرلىق ياد دىيار مەنزىرىسى، مول مەزمۇنلۇق ‹‹ھەربىيلەر بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى›› بىلەن ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك بايلىقنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەلپكار شىنجاڭ ناملىق ئون چوڭ ساياھەت لىنىيىسىنى تەسىس قىلدۇق: يىپەك يولى مىللىي ئۆرپ  ئادەت ساياھىتى؛ تەڭرىتاغ يايلىقى ساياھىتى؛ شەرقىي تەڭرىتاغ جۇڭغار ئويمانلىقى ئېكولوگىيىلىك رايونىنى ئايلىنىپ چىقىش ساياھىتى؛ ئىلگىرىكى ماكان لوپنۇر كۆلى ساياھىتى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى؛ 12كۈنلۈك قەدىمىي يىپەك يولى، يايلاق مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى؛ گۈزەل تاغ – دەريا، مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى؛ قار – مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ساياھىتى؛ سەككىز كۈنلۈك مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخىنى ئەسلەش ساياھىتى.

مۇخبىر: ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشى، ئىناق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ساياھەت ئىدارىسى بۇ يىل قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى قوللاندى؟

مۇزەپپەر مىجىت: ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ‹‹2007-يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى›› ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان دۆلەت، رايون ۋە شەھەرلەرگە شىنجاڭنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىپ، تەسىرنى چوڭايتتۇق؛ ئىككىنچىدىن، ساياھەت بازىرى ۋە ئىستېمالنىڭ كۆپ مەنبەلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سىستېمىلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، بولۇپمۇ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئۈچىنچىدىن، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر جەھەتتە راستچىل بولۇشنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەجبۇرلاش، مال سېتىشتىكى ئالدامچىلىق قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردۇق. مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پۈتكۈل ساھەدە ‹‹ئىشەنچلىك ئورۇن››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ساياھەت يېتەكچىسى››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ساياھەت ئاپتوموبىلى شوپۇرى›› باھالاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇق.

مۇخبىر: بىر ساياھەتچى ئائىلىسى بويىچە قاناس كۆلى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىنى ساياھەت قىلماقچى بولۇپ، ساياھەت كوپىراتىپىدىن باھاسىنى سۈرۈشتۈرسە، ئىككى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئوخشاش بولسىمۇ، باھادا 200يۈەن پەرقلەنگەن. باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا بېكىتىپ بەرگەن بىر تۇتاش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بارمۇ؟

مۇزەپپەر مىجىت: ساياھەت بازىرىدا ئاپتوموبىلنىڭ بېلەت باھاسى، ساياھەت رايونلىرى بېلەت باھاسىدىن سىرت، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن باھا يوق. ساياھەت كوپىراتىپى بېكىتكەن باھاغا ئادەتتىكى ئەھۋالدا مەمۇرىي تارماقلار ئارىلاشمايدۇ. لېكىن ساياھەت كوپىراتىپى بېكىتكەن باھا ئاممىۋى مەنپەئەتكە خىلاپ بولسا ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزسە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ساياھەت بازىرىدا باھا بىردەك بولماسلىق ئەھۋالى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى قىسمەن ساياھەت لىنىيىلىرىنىڭ پايدىلىنىش باھاسىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. قاناس كۆلى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىغا ساياھەتكە بېرىش باھاسىدا 200يۈەن پەرقلەنگەنلىكى، بەلكىم ئۆزى چىقىم قىلىدىغان تۈرلەر ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، مەسىلەن: ساياھەت كېمىسى، بېلىقنى تاماشا قىلىش راۋىقى، تۇۋالار ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاناس كۆلىنى تۆت كۈن ساياھەت قىلىشتا (ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدۇ)، ئادەتتە، بىر كىشىدىن 870يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. ئەگەر ساياھەتچى ساياھەت مۇساپىسى، باھا، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۆلچەم قاتارلىقلاردىن رازى بولمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت سۈپەت –  تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئورنىدىن مەسلىھەت سورىسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ، تېلېفون نومۇرى: 8831902 – 0991.

مۇخبىر: خا فامىلىلىك ئەپەندىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقىنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلمەكچى ئىكەن، قايسى ساياھەت كوپىراتىپىغا تىزىملىتىشنى سوراپ تېلېفون بېرىپتىكەن. سىزنىڭچە قانداق ساياھەت كوپىراتىپىغا تىزىملاتسا بولار؟

مۇزەپپەر مىجىت: ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى بار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىغا تىزىملىتىش كېرەك. ساياھەت توختامى ئىمزالىغاندا، ساياھەت توختامىنىڭ نۇسخىسى ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇيرۇتقان نۇسخا ئىكەنلىكىگە، توختامدا ساياھەت لىنىيىسى (مۇساپىسى)، ياتاق، تاماق ئۆلچىمى، ئاپتوموبىلنىڭ تىپى، سۇغۇرتا، ساياھەت يېتەكچىسى پۈتۈن كۈن ھەمراھ بولىدىغانلىقى ياكى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىلا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئېلىنىدىغان ھەق ۋە ئۆزى چىقىم قىلىدىغان تۈرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ