باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
‹‹ شىنجاڭ تەزكىرىسى- مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى›› نىڭ تۇنجى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى مۇشۇ ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
2007- 06- 13 12:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

  (تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )
      شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەسەرلەر توپلىمى ‹‹ شىنجاڭ تەزكىرىسى- مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى›› نىڭ تۇنجى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى مۇشۇ ئاينىڭ 11 -  كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۈر تەزكىرىنى تۈزۈش رەتلەش خىزمىتى 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان بولۇپ، 1 مىليون 450 مىڭ خەتتىن تۈزۈلگەن، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن مىلادى 1840- يىلىدىن 2002- يىلغىچە بولغان تارىخىي باسقۇچتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بايقىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ 160 نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹ شىنجاڭ تەزكىرىسى- مەدەنىيەت يادىكارلىقى تەزكىرىسى››  نىڭ نەشىر قىلىنىشى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى شۇنداقلا جەئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئەتىراپلىق، مۇكەممەل بولغان تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ