باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
رىزۋانگۈل قاتارلىق 6 سېرىك ئارتىسى شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن ياپونىيىگە بېرىپ ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى
2007- 06- 13 12:52 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      (تەڭرىتاغ  تورى خەۋىرى )

       رىزۋانگۈل، رۇقىيە، قەلبىنۇر، دىلرەبا قاتارلىق 6 سېرىك ئارتىسى شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن ياپونىيىگە بېرىپ 6 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، يېقىندا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيىگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تاشقى ئالاقە ئىدارىسى، جۇڭگو ئويۇن قويۇش شېركىتى تەستىقلىغان سودا ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بولۇپ، بۇلتۇر 11- ئايدا تەشكىللەنگەن 3 ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ياپونىيىگە بېرىپ 6 ئايغا يېقىن ئويۇن قويدى. شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئورۇندىغان نومۇرلىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ ئويغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ تەڭكىشى ئاستىدا تۈرلۈك سېرىك نومۇرلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنداپ، ياپونىيە تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكى 1961- يىلى قۇرۇلغان ، 2000- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ روسسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىغىستان، تايلاند، مالايسىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، كانادا، گرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويۇپ، شىنجاڭنىڭ سېرىكچىلىك سەنئىتىنى ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە يەتكۈزۈپ، شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ