|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى )
‹‹ بايغا سەپەر ›› باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ 12 - نۆۋەتلىك قەدىمىي خەتتاتلىق ۋە موھۈر كۆرگەزمىسى 3 كۈن داۋاملىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچى سەنئەت سارىيىدا ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كۆرگەزمىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرمۇ تولۇق ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى قەدىمىي خەتتاتلىق ۋە موھۇر كۆرگەزمىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەسەرلەر 700 دىن ئاشتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق 160 پارچە ئەسەر تاللىنىپ كۆرگەزمىگە قويولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى 30 پارچىدىن ئاشتى. بۇ كۆرگەزمە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، باي ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېرىم ئاي ئېلىپ بېرىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا داۋاملىق يۈزلەندۈرۈشنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلدى.
|