باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىلدى
2007- 06- 11 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ لېچۈەن مۇھىم سۆز قىلدى

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنى 8 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.

     يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي  بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يىغىندا مەركەزنىڭ ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ۋە مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ زاپاس نامزاتلىرى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
 
     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6–ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنى 2007-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان. بۇ قۇرۇلتاي—ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم يىغىن، پارتىيىمىز ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش. پارتىيە  17-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە كاپالىتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. تۆۋەندىن يۇقىرىغا كۆرسىتىش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، تەكرار كېڭىشىش، قاتلاممۇ قاتلام تاللاش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، ئەتراپلىق ئويلىشىش ئاساسىدا، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ زاپاس نامزاتلىرى بېكىتىلدى.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ  ۋەكىلى جەمئىي 613كىشى بولۇپ، 38كىشى رۇخسەت سورىدى، بۈگۈنكى يىغىنغا 575 كىشى قاتناشتى، بۇ بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. ۋەكىللەر ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن ئەتراپلىق كېڭىشىش، ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 41ۋەكىلنى سايلاپ چىقتى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىردىن 28ى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1 – سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسىدىن 13 كىشى بار؛ خەنزۇ پارتىيە ئەزاسىدىن 22 كىشى، ئازسانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسىدىن 19كىشى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسىدىن 10كىشى بار. ۋەكىللەر ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، سىياسىي، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ‹‹ئىككى يېڭى›› تەشكىلات قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر، ئورگانلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر قايسى قاتلاملاردىكىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىمۇ مەركەزنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئۇلار بىر قەدەر كۈچلۈك ئىلغارلىققا، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە پۇختا جامائەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ،ئوخشاشلا مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 170مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.
    يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش خىزمىتىدە بايقالغان ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش  پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە، كۆپنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تەرەققىياتنى تۇتۇپ، بىر نىيەت  بىرمەقسەتتە كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چاقىرىق قىلىندى. 
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ