|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ياڭ گاڭ، لى يى قاتارلىقلار تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بالىلار باغچىسى، ئۈرۈمچى چاڭلېيۈەن قوش تىللىق بالىلار باغچىسى ۋە ئۈرۈمچى 67- ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارغا بايراملىق سوۋغا بەردى.
ئۈرۈمچى چاڭلېيۈەن قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇماق بالىلارنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشتى. ئىسمائىل تىلىۋالدى بالىلارغا:‹‹ كىچىك دوستلار ياخشىمۇ سىلەر›› دېدى.

كىچىك دوستلارنىڭ جۇشقۇن ھالەتتە ئوينىغان گىمناستىكىسى شۇ مايداندىكى ھەر بىر مېھماننى جەلپ قىلدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دېدى:‹‹ 1- ئىيون بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۆزەمنىڭ بالىلار باغچىسىغا كېلىپ كىچىك دوستلار ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بولىۋاتىمەن، مۇشۇ پۇرسەتتە ھەر مىللەت كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، سىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە سىلەرنى تەربىيلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىڭلارغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت. بالىلار باغچىسى مائارىپى مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي تەركىبى قىسمى. سىلەر ئۇزۇندىن بۇيان بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتۇڭلار››.
ئىسمائىل تىلىۋالدى 67- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:‹‹ سىلەرنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىش پۇرسىتىڭلار ئىنتايىن ياخشى، بۇنداق پۇرسەت ئوڭاي قولغا كەلمەيدۇ. سىلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. سىلەر جەزمەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كىچىكىڭلاردىن تارتىپ غايە يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى، پارتىيىنى، سوتسىيالىزىمنى، شىنجاڭنى سۆيۈپ، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە بىلىم، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن ئىگىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە، مەكتەپتىكى ياخشى بالا ۋە جەمئىيەتتىكى ياخشى ياشلاردىن، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ ياخشى ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىڭلار كېرەك››.
|