|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 5 – نۆۋەتلىك ‹‹مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى بايرىمى››نى تەبرىكلەش ۋە مۇھىت تازىلىقى سىستېمىسىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 26- ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى‹‹پاكلىق ئەلچىلىرى›› نىڭ بۇ كاتتا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنى شەھەرلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: شەھەرلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بىر تۇرلۇك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىش دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ شەھەرلەرنىڭ ياخشى– ناچار ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت تازىلىقى ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت تازىلىق سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، گۈزەل، پاكىز، ئازادە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش مۇھىتى ياراتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋىتىشىدە ياخشى ئوبراز تىكلەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇلار‹‹شەھەر ھۆسنىنى تۈزىگۈچىلەر›› دېگەن نامغا ھەقىقەتەن مۇناسىپ.
ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتىسيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ رېئال تەلىپى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرى شەھەرلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر مۇھىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پاكىز شەھەر، باغچىلاشقان شەھەر، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى، مۇھىت تازىلىقى سېپىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ‹‹پاكلىق ئەلچىلىرى››نىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش رولىنى نامايان قىلىشى، ئاممىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ‹‹پاكلىق ئەلچىلىرى›› نىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان، مۇھىت تازىلىقىغا ئاڭلىق ئەھمىيەت بىرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقى سىستېمىسىدىكى ‹‹ شەھەر ھۆسنىنى تۈزىگۈچى ئون مۇنەۋۋەر شەخس››، ‹‹30 مۇنەۋۋەر خىزمەت ئۈلگىسى››، ‹‹100ئىلغار خىزمەتچى›› داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى. قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى قاتارلىق مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، بېيجىڭ شەھىرى قاتارلىق36 قېرىنداش شەھەر يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ليۇ يۇڭ، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
|