باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 7 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى
2007- 05- 18 16:58 تەڭرىتاغ تورى

 (تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)


      مۇخبىرلىرىمىز ئۆركەش جاپپار، مۇتەللىپ ئابدۇقادىر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 7- قۇرۇلتىيى 15-ماي شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك پەن– تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى دىڭ نەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى  ۋەكىللەرگە ۋەزىيەتتىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرېھىم ھامىد، ئەسقەت كەرىمباي، فۇچياڭ، لى يى، جاڭ گولياڭ، جياڭ شەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا سۆز قىلدى،ئۇ ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پەن  تېخنىكا جەمئىيىتى 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى پارتىيىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتى ۋە پەن  تېخنىكا خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا  مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

      ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن–  تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن–  تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاقىللار ئۆمىكى، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى بولۇشتەك  رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنى مەسلىھەت ۋە پايدىلانمىلار بىلەن تەمىنلەپ، قارارلارنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە دېموكراتىيىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەمدەم بولۇشى كېرەك؛ ھەر مىللەت پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، تونۇشتۇرۇش، جەلپ قىلىش، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك؛ پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،  ئاممىنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك؛ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنى «پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئائىلىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مىخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائالىيەت شەكلىنى ياخشىلاپ، مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ھەر ساھەدىكى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

      ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ھەم ئۇنى پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، پەن–  تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

      دىڭ نەن ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىىنىڭ پەن–  تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇشنى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئاقىللار يىغىلغان،  ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەن–  تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ئىلىم  پەن ئالماشتۇرۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي  تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
   
      يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۈەييۈ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا پەن–  تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە بولغان تەلەپ ۋە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  پەن–  تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى ۋە ئىلغار كوللىكتىپلار تەقدىرلەندى.

       ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى499ۋەكىل، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بىرقىسىم ۋىلايەت   (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن .مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى،شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى دىڭ نەن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

رەھبەرلەر يىغىن مەيدانىغا كىرمەكتە

پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سېستىمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچىلەر

رەھبەرلەر بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ