باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>ئىككىنچى قۇر
ئەسقەت كېرىمباي
2007- 04- 13 15:16 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى )

 
       ئەسقەت كەرىمباي، ئەر، قازاق، 1947-  يىل 11 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجىدىن، 1975- يىل 11 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1970- يىل 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      1965- يىل 9 - ئايدىن 1970- يىل 8 -ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1970- يىل  8 - ئايدىن 1972- يىل 5 - ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە 9901- قىسىمدا چېنىققان. 1972- يىل 5 - ئايدىن 1976- يىل 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىسى 1 - چارۋىچىلىق مەيدانى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى  بولغان. 1976- يىل 10- ئايدىن 1983- يىل 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ  كادىرى بولغان. 1983- يىل 12- ئايدىن 1985- يىل 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1985- يىل 1 - ئايدىن 1987- يىل 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. 1987- يىل 3 - ئايدىن 1988- يىل 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1988- يىل 3 - ئايدىن 1993- يىل 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان. 1993- يىل 1 - ئايدىن 1996- يىل 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1996- يىل 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1996- يىل 4 - ئايدىن 2003- يىل 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2003- يىل 1 - ئايدىن 2006- يىل 10- ئايغىچە   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. 2006- يىل 10- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى.

      پارتىيە 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى؛ پارتىيە 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان، پارتىيە 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان؛ پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى،17- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.  

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ