|
(تەڭرىتاغ تورى )

سۇڭ ئەيرۇڭ ، ئايال ، خەنزۇ ، 1959 – يىل 9 – ئايدا تۇغۇلغان ، خېنەن فۇگۇدىن ، 1981 – يىل 1 – ئايدا پارتىيگە كىرگەن ، 1977 – يىل 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتۇرىيسىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن ،مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ، ئىقتىسادچى .
1977 – يىل 9 – ئايدىن 1978 – يىل 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ناھىيسى قىزىلبايراق گوڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان . 1978 – يىل 3 – ئايدىن 1981 – يىل 3 – ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپىنىڭ ئانئورگانىك تېخنولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان . 1981 – يىل 3 – ئايدىن 1984 – يىل 6 – ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپى پارتكومى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىلات كادىرى ، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (1981 – يىل 3 – ئايدىن 1984 – يىل 6 – ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان ) . 1984 – يىل 6 – ئايدىن 1986 – يىل 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسى ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئىشلىگەن . 1986 – يىل 9 – ئايدىن 1990 – يىل 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان . 1990 – يىل 6– ئايدىن 1992 – يىل 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائەت ئىدارىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان . 1992 – يىل 4 – ئايدىن 1993 – يىل 4 – ئايغىچە شىنجاڭ خلور – ئىشقار زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان . 1993 – يىل 4 – ئايدىن 1994 – يىل 4 – ئايغىچە شىنجاڭ خلور – ئىشقار زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋېن زاۋۇت باشلىقى بولغان (1993 – يىل 9– ئايدىن 1994 – يىل 1 – ئايغىچە دالىيەن تەبىئىي پەنلەر ، سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتوتى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان ) . 1994 – يىل 4 – ئايدىن 1996 – يىل 1 – ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان . 1996 – يىل 1 – ئايدىن 1999 – يىل 9 – ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (1996 – يىل 4 – ئايدىن 1998 – يىل 3 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى ئاسپىرانتۇرىيسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان ؛ 1997 – يىل 9 – ئايدىن 1998 – يىل 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش ، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان ؛ 1994 – يىل 9 – ئايدىن 1996 – يىل 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنىستىتوتى تاشقى ئىقتىساد كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان ) . 1999 – يىل 9 – ئايدىن 2005 – يىل 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (1997 – يىل 9 – ئايدىن 2000 – يىل 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتۇرىيسىنىڭ سىياسىي كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان ) . 2005 – يىل 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى .
پارتىيە 16 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى .
|