باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>بەشىنچى قۇر
نۇرلان ئابىلمەجىن
2007- 04- 13 15:09 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى )

       نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەر، قازاق، 1962- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قورغاس ناھىيىسىدىن، 1985- يىلى 5- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1985- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىدىيىۋى سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      1981- يىلى 9- ئايدىن 1985- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكولتىتىنىڭ قانۇنچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1985- يىلى 7- ئايدىن 1987- يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ياردەمچى تەپتىشى، تەپتىشى، سوت مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1987- يىلى 3- ئايدىن 1992- يىلى 3- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ باشلىقى بولغان، (بۇ مەزگىلدە: 1990- يىلى 8- ئايدىن 1991- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كۇرسىدا ئوقۇغان). 1992- يىلى 3- ئايدىن 1993- يىلى 5- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسنىڭ باشلىقى، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1993- يىلى 5- ئايدىن 2001- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سوت مەھكىمىنىڭ باشلىقى بولغان. (بۇ مەزگىلدە: 1995- يىلى 5- ئايدىن 12- ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان ۋە مۇدىر ياردەمچىسى بولغان، 1995- يىلى 8- ئايدىن 2003- يىلى 8- ئايغىچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1998- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 10-ئايغىچە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدىيىۋى سىياسىي كەسپىنىڭ ئاسپرانتلار دەرسلىكى كۇرسىدا ئوقۇغان). 2001- يىلى 7- ئايدىن 2002- يىلى 2- ئايغىچە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان. 2002- يىلى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى بولغان. 2002- يىلى 3- ئايدىن 2003- يىلى 1- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان. 2003- يىلى 1- ئايدىن 2004- يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2004- يىلى 4-ئايدىن 2005- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2005-يىلى 9- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

 

 

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ