باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>بەشىنچى قۇر
شەۋكەت ئىمىن
2007- 04- 13 15:07 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى )

       شەۋكەت ئىمىن ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1959- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، ماناس ناھىيىسىدىن، 1981- يىلى 6- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977- يىلى 10- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپرانتلار ئىنىستىتوتىنىڭ مىللىي ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

       1977- يىلى 10- ئايدىن 1979- يىلى 10- ئايغىچە ماناس ناھىيىلىك شىنخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1979- يىلى 10- ئايدىن 1983- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1983- يىلى 8- ئايدىن 1984- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1984- يىلى 8- ئايدىن 1989- يىلى 4- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان، (بۇ مەزگىلىدە: 1985- يىلى 3- ئايدىن 7- ئايغىچە شەنشى  پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1986- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1989- يىلى 4- ئايدىن 1991- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىېتىتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1991- يىلى 12- ئايدىن 1993- يىلى 3- ئايغىچە تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1993- يىلى 3 - ئايدىن 1994- يىلى 4- ئايغىچە تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1994- يىلى 4- ئايدىن 1995-يىلى 6- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1995- يىلى 6- ئايدىن 1998- يىلى 10- ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىىسنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1996- يىلى 3- ئايدىن 9- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان). 1998- يىلى 10- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، (1998- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپرانتلار ئىنىستىتوتىنىڭ مىللىي ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). 2000- يىلى 7- ئايدىن 2004- يىلى 12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسنىڭ مۇئاۋىن   شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان، (2000- يىلى 3- ئايدىن 2001- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كارىدرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2004- يىلى 12- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

 

 

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ