باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>تۆتىنچى قۇر
خەن يۇڭ
2007- 04- 13 15:04 تەڭرىتاغ تورى

 (تەڭرىتاغ تورى )

      خەن يوڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن جيۇتەيدىن، 1976- يىلى 4- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن. 1974- يىلى 6- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنسىتىتوتىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئاسپىرانتلىق كۇرسىدا خەلقئارا سىياسەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      1974 - يىلى 6- ئايدىن 1977- يىلى 3- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىسى جيۇتەي ناھىيىسى ۋىيزۇگۇ گۇڭشىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1977- يىلى 3- ئايدىن 1980- يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتېتى قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان. 1980- يلى 1- ئايدىن 1982- يىلى 12- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار بويىچە تەپتىش قىلىش 2- باشقارمىسىنىڭ پۈتۈكچىسى بولغان. 1982- يىلى 12- ئايدىن 1984- يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كاتىبى، ياردەمچى تەپتىشى (بۆلۈم دەرىجىلىك) كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1984- يىلى 1- ئايدىن 1985- يىلى 2- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى ئەرداۋخېزى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىش باشلىقى بولغان ھەمدە ۋەزىپە بىلەن چىنىقىشقا ئەۋەتىلگەن. 1985- يىلى 2- ئايدىن 1986- يىلى 7- ئايغىچە جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار بويىچە تەپتىش قىلىش  1- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەمۇرىي مۇپەتتىشى بولغان. 1986- يىلى 7- ئايدىن 1990- يىلى 3- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىقتىسادىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ( بۇ مەزگىلدە 1989- يىلى 9- ئايدىن 1990- يىلى 1- ئايغىچە، جۇڭگو ئالىي خەلق تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىدە ئوقۇغان) 1990- يىلى 3- ئايدىن 1991- يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە باشقۇرۇش باشقارمسىنىڭ باشلىقى، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1991- يىلى 1- ئايدىن 1992- يىلى 12- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (تۆۋەنگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن). 1992- يىلى 12- ئايدىن 1996- يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىسى سۇڭيۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1996- يىلى 1- ئايدىن 1997- يىلى 12- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1997- يىلى 12- ئايدىن 1998- يىلى 4- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1998- يىلى 4- ئايدىن 2003- يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان ( بۇ مەزگىلدە 2000- يىلى 2- ئايدىن 6- ئايغىچە جىلىن ئۆلكىلىك  ياش  ۋە ئوتتۇرا ياش كادىرلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ تەربىيلىنىش كۇرسىدا ئوقۇغان).2000- يىلى 10- ئايدىن 2002- يىلى 10- ئايغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو گۇرۇپپىسىغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن). 2003- يىلى 1- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى؛  جىلىن ئۆلكىلىك مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ  نازىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە (2003- يىلى 3- ئايدىن 2004- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2004- يىلى 7- ئايدىن 2006- يىلى 5- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان ( 2004- يىلى 3- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنسىتىتوتىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئاسپىرانتلىق كۇرسىنىڭ خەلقئارا سىياسەت كەسپىىدە ئوقۇغان).  2006- يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.  

 

( مۇھەررىر : lala )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ