|
(تەڭرىتاغ تورى )

فۇچياڭ ، ئەر، خەنزۇ 1947- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان. سىچۈەننىڭ جيەنياڭ دېگەن يېرىدىن. 1975- يىلى 1- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1969- يىلى 2- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. لېكتور.
1969- يىلى 2- ئايدىن 1972- يىلى 10- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى خېجىڭ ناھىيىسى ئۇلاستاي دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972- يىلى 10- ئايدىن 1978- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى كورلا شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1978- يىلى 8- ئايدىن 9- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىداۋەن دوختۇرخانىسى پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، 1978- يىلى 9- ئايدىن 1982- يىلى 7- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى 7- ئايدىن 1984- يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1984- يىلى 11- ئايدىن 1989- يىلى 2- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1989- يىلى 2- ئايدىن 1991- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1991- يىلى 6- ئايدىن 1993- يىلى 3- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى؛ 1993- يىلى 3- ئايدىن 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى؛ 1993 - يىلى 10- ئايدىن 1996- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى؛ 1996- يىلى 10- ئايدىن 1999- يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى، بەنگۇڭتىڭ مۇدىرى بولغان. 1999- يىلى 11- ئايدىن 2001- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش كاتىبى بولغان. 2001- يىلى 10- ئايدىن 2004- يىلى 2- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىب بولغان (بۇ مەزگىلدە 2002- يىلى 3 - ئايدىن 5- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 2004- يىلى 2- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىب، مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى؛ 2006- يىلى 1- ئايدىن 5- ئايغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىب، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2006- يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
|