|
(تەڭرىتاغ تورى )

ئەركىن ئېمىرباقى ، ئەر ، ئۇيغۇر 1953- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، قەشقەر يېڭىسادىن. 1980- يىلى 6- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن. 1971- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. غەربىي - شىمال يېنىك سانائەت ئېنىستىتوتى يېنىك سانائەت 2- فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1971- يىلى 3- ئايدىن 1972- يىلى 9- ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيىسى شەرق شامىلى گۇڭشىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972- يىلى 9- ئايدىن 1974- يىلى 10- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974 - يىلى10- ئايدىن 1977- يىلى 10- ئايغىچە، غەربىي - شىمال يېنىك سانائەت ئېنىستىتوتىنىڭ يېنىك سانائەت 2- فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىدە ئوقۇغان. 1977- يىلى 10- ئايدىن 1984- يىلى 1- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، سېخ مۇدىرى، زاۋۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، زاۋۇتنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى بولغان. 1984- يىلى 1- ئايدىن 1986- يىلى 11- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان، 1986- يىلى 11- ئايدىن 1992- يىلى 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. (بۇ مەزگىلدە 1989- يىلى 5- ئايدىن 1992- يىلى 2- ئايغىچە جۇڭگو - سوۋىت- تاشكەنت خەلقئارا چايدان چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ دىرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ۋاقىتلىق شۇجىسى بولغان).1992- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 11- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1994- يىلى 11- ئايدىن 1997- يىلى 7- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1997- يىلى 7- ئايدىن 1999- يىلى 9- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنسازلىق ئېلېكترون سانائىتى نازارىتىنىڭ (دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى (مۇدىرى) بولغان. 1999- يىلى 9- ئايدىن 2001- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2001- يىلى 10- ئايدىن 2004- يىلى 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2004- يىلى 9- ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مال- مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
|