|
(تەڭرىتاغ تورى )

ياڭ گاڭ ، ئەر، خەنزۇ، 1953 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي گاۋچېڭدىن، 1967- يىل 4 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1969- يىلى 2 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي سىياسىي خادىم.
1969 - يىلى 2 - ئايدىن 1974- يىلى12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8 - شىسى 150 -تۇەنىدە ئىشچى بولغان. 1974 - يىلى 12 - ئايدىن 1978 - يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئىدارىسى 3 - تۇەنىنىڭ ئۆلچەش خادىمى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوغداش خادىمى بولغان. 1978- يىلى 9 - ئايدىن 1982 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان. 1982 - يىلى 8 - ئايدىن1984- يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1984 - يىلى 4 - ئايدىن 1985 - يىلى7 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1985 - يىلى7 - ئايدىن 1991 - يىلى 3 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1986 - يىلى 9 - ئايدىن 1989 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان). 1991 - يىلى 3 - ئايدىن 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1991 - يىلى 12 - ئايدىن 1993 - يىلى 10 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1993 - يىلى 10 - ئايدىن 1994 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى(نازىر دەرىجىلىك)بولغان. 1994 - يىلى 6 - ئايدىن 1997 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان(1996- يىلى 9 - ئايدىن 1997 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان). 1997 - يىلى 7 - ئايدىن 1999 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق شتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1999 - يىلى 11 - ئايدىن 2000 - يىلى12- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2000 - يىلى 12 - ئايدىن2001- يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2001 - يىلى 3 - ئايدىن 2006 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزائىگىلىك 12 - شىسى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى بولغان.2006- يىلى 10 - ئايدىن 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2006 - يىلى 11 - ئايدىن 2007 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2007 - يىلى 5 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
|